UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىش، گۇۋاھلىق بېرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىش، گۇۋاھلىق بېرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن، ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش يولى بىلەن گۇۋاھچىلارغا پاكىتقا زىت ھالدا گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق يەتكۈزگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن، ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش يولى بىلەن گۇۋاھچىلارغا پاكىتقا زىت ھالدا گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى جىنايى ئىشلار دەۋا پائالىيىتىدىكى ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولىدۇ. 306 - ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىدىن دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋەتكەن، ئويدۇرۇپ چىقارغان، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىشى، ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن، تەھدىت سېلىش، ئازدۇرۇش يولى بىلەن گۇۋاھچىلارغا پاكىتقا زىت ھالدا گۇۋاھلىق سۆزىنى ئۆزگەرتكۈزگەن ياكى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىرىگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەكە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بەرگەن، كۆرسەتكەن ۋە نەقىل كەلتۈرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ياكى باشقا دەلىل - ئىسپاتلار قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان بولماستىن، پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەي قالسا، دەلىل - ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىش ھېسابلانمايدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى 45 - ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن دەلىل - ئىسپات توپلاش ۋە ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر دەلىل - ئىسپاتلارنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتىگە تاقىلىدىغان دەلىل - ئىسپاتلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلاش لازىم. دەلىل - ئىسپاتلارنى ئويدۇرغان، يوشۇرغان ياكى يوقىتىۋەتكەنلەر قايسى تەرەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 47 - ماددا گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى سوتتا ئەيىبلىگۈچى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ سوئال سوراشلىرىدىن، ئۇلارنى يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى شەرت. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەردىك گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ئېلىنغان ھەمدە تەكشۈرۈلۈپ راست بولۇپ چىققاندىلا دېلو بېكىتىشنىڭ پاكىتلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندا، ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 82 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: (1) <تەھقىقلەش> جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرىش جەريانىدا قانۇن بويىچە ئىشلەيدىغان مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرلاش تەدبىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) <دەۋالاشقۇچىلار> زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى، جىنايەت گۇماندارى، جاۋابكار، قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) <قانۇنىي ۋاكالەتچى> ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى، باققان ئاتا - ئانىسى، ۋەسىيىسىنى ۋە مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئورگان ۋە تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلىنى كۆرسىتىدۇ؛ (4) <دەۋا ئىشتىراكچىلىرى> دەۋالاشقۇچى، قانۇنى ۋاكالەتچى، دەۋا ۋاكالەتچىسى، ئاقلىغۇچى، گۇۋاھچى، باھالىغۇچى ۋە تەرجىماننى كۆرسىتىدۇ؛ (5) <دەۋا ۋاكالەتچىسى> ئەيىبلىگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ياكى يېقىن تۇغقىنى، بىۋاستە دەۋا قىلىنغان دېلودىكى دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى ھەمدە قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دەۋاغا ۋاكالىتەن قاتناشقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. (6) <يېقىن تۇغقانلىرى> ئېرى، خوتۇنى، ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى ۋە بىر تۇغقان ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللىرىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 102 - ماددا (1) (مەزكۇر كىتابنىڭ 377 - بېتىدىكى <يالغان گۇۋاھلىق بېرىش جىنايىتى> دىن پايدىلىنىڭ) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى (1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى) 45 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيى تارمىقى ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ؛ (1) دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛ (2) سودىيە، پروكوراتور، كېسىمچى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملارغا پارا بەرگەن ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە كۈشكۈرتكەن، ئۈندىگەنلەر؛ (3) يالغان دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتكەن، مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرغان ياكى باشقىلارنى يالغان دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىشكە، مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرۇشقا قىستىغان، ئازدۇرغانلار. ئادۋوكاتلار قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلسا، ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئاقلىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ دەلىل - ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش، ئويدۇرۇپ چىقىش، گۇۋاھلىق بېرىشكە دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki