تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇپ، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئىشلەتكەن ياكى تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈپ لاياقىتىنى مەلۇم قىلمايلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكسپورت قىلغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇپ، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان، ئىشلەتكەن ياكى تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈپ لاياقىتىنى مەلۇم قىلمايلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكسپورت قىلغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
230 - ماددا ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇپ، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقانلار، ئىشلەتكەنلەر ياكى تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ لاياقىتىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكسپورت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
231 - ماددا ئورۇنلارىدىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 221 - ماددىدىن 230 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنى تەكشۈرۈش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاۋارلارنى تەكشۈرۈشتىن قاچۇرۇپ، تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئىمپورت تاۋارلىرىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقانلار، ئىشكەتكەنلەر ياكى تاۋار تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى شەرت بولغان ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ لاياقىتىنى مەلۇم قىلىپ تەكشۈرتمەيلا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئېكسپورت قىلغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) دۆلەت، ئورۇن ياكى شەخسنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇراتقانلار؛
2) كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى، ئاپەت، ھادىسە ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
3) يامان تەسىر پەيدا قىلغان بولسا.