UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمۇھىت ئېغىر بولغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

مۇھىت ئېغىر بولغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشلاندۇقلارنى تۆكۈپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ مۇھىتنى قاتتىق بۇلغايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش، كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرگەن، سۇغا ۋە ئاتموسفېراغا رادىئوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلارنى، يۇقۇملۇق كېسەل قوزغاتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىەە ئالغان تاشلاندۇقلارنى، زەھەرلىك ماددىلار ياكى باشقا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قويۇپ بېرىپ، تۆكۈپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى بولغايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلىپ، جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 338 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەرگە، سۇغا ۋە ئاتموسفېراغا رادىئوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلارنى، يۇقۇملۇق كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشلاندۇقلارنى، زەھەرلىك ماددىلارنى ياكى باشقا خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى قويۇپ بېرىپ، تۆكۈپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى قاتتىق بۇلغايدىغان ۋەقەلەرنى پەيدا قىلغانلاردىن جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى كىشىلەرنى تالاپەتكە ئۇچرىتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىك 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى (2000 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى) 61 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پەيدا قىلغان زىيانلىق ئاقىۋىتىگە قاراپ، بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ 50 پىرسەنتىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلارغا ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان مەمۇرىي چارە ياكى ئىنتىزام چارىسى كۆرىدۇ؛ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش زور ۋەقەسى پەيدا قىلىپ، جامائەت مال - مۈلكى، خۇسۇسىي مال - مۈلۈكنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ ياكى تالاپەت تۇغۇلۇشتەك ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قانۇنى (1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى) 43 - ماددا مۇشۇ قانۇندىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، سۇنى بولغاپ چوڭ ھادىسە تۇغدۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ۋە شەخسنىڭ مال - مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ياكى كىشىلەرنىڭ زەخىملىنىشىگە ھەم ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى پەيدا قىلغانلار بولسا، جاۋابكارلىقى بار ئالاقىدار كىشىلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 115 - ماددىسىدىكى ياكى 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت