UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتخىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى

خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىلىرى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى ئۇنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان كىشىلەرلا شەكىللەندۈرەلەيدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئادەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 397 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ ياكى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) بىردىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ زەخىملىنىشىنى ۋە ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ 3) ئالاھىدە شىركەت، كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشتىن توختىشى، ئېغىر دەرىجىدە زىيان تارتىشى، ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 4) دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر داغ تەگكۈزگەن ياكى يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا؛ 5) جامائەت مال - مۈلكىنى، دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان باشقا قىلمىشلار بولسا؛ 6) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئادددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 10 دىن ئارتۇق ئادەمنى يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى 01 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ۋە ياكى 20 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يېنىك زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ (2) سالغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بىر مىليون يۈەندىن ئارتۇق بولسا. بۇ بابتا كۆرسىتىلگەن ھەربىر جىنايەتنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلىرىنى 2002 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان <دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلىرىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش ئۆلچىمى> دېگەن كىتابتىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki