لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە يوللاپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغان ياكى قوراللىق قىسىملارغا يوللاپ بەرگەن ئەھۋالى ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى جەريانىدا نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قىسىمغا قوبۇل قىلغان ۋە ئەۋەتىپ بەرگەن ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى ئەسكەر قوبۇل قىلغۇچى خىزمەتچى خادىملار، قىسىملاردىكى ئەسكەر قوبۇل قىلغۇچىلار ھەمدە خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە ياردەملىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
374 - ماددا ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە يوللاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.