UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېگرادىن ئەكىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى تاموژنىغا ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىشىدىن قاچۇرۇپ، دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى چېگرىدىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 151 - ماددا دۆلەت ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەتلىك مېتال ياكى دۆلەت ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشنى مەنئىي قىلغان ئەتىۋارلىق ھايۋان ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەردىن قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ. ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 155 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق ماددىلارنى مەزكۇر كىتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت