UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى

قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىدىن دۆلەت قوغداۋاتقان ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىرىنى ئوغرىلىقچە قازغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتلاملىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىنى ئوغرىلىقچە قازغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ 328 - ماددا تارىخىي، بەدىئىي ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئورۇنلاردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغانلار؛ (2) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قېزىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛ (3) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى كۆپ قېتىم ئوغرىلىقچە قازغانلار؛ (4) قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، قەدىمكى قەبرىلەرنى ئوغرىلىقچە قازغان ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئوغرىلىغانلار ياكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغانلار. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىدىن دۆلەت قوغداۋاتقان ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بولغانلىرىنى ئوغرىلىقچە قازغانلارغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ۋە قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ تاش قاتمىلىرىنى ئوغرىلىقچە قېزىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki