UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتمۇئەييەن پۇلنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

مۇئەييەن پۇلنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ مالىيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇلنى ئىشلىتىۋېلىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مالىيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ مۇئەييەن پۇلنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مۇئەييەن پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - مۇئەييەن پۇلنى قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، باشقۇرىدىغان خىزمەتچى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 273 - ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاستە جاۋابكارلاغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: 1) 5000 يۈەندىن ئارتۇق مۇئەييەن پۇل ۋە ئەشيالارنى ئىشلىتىۋالغان بولسا؛ 2) دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئېغىر ئەھۋالغان چۈشۈرۈپ قويغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت