UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق جىنايىتى
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاد قىلماسلىق جىنايىتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىملىرى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي دۆلەت ئىگىلىكىدىك شىركەت ۋە كارخانىلارنى ۋەيران قىلىپ ياكى ئېغىر زىيان تارتقۇزۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇن ۋە ۋەزىپىسى تەلەپ قىلغان مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماي، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىپ دۆلەت ئىلكىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنى ۋەيران قىلىپ ياكى ئېغىر زىيان تارتقۇزۇپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت، يەنى پەقەت دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
168 - ماددا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى پەيدا قىلغان ياكى ئېغىر زىيان سالغان، دۆلەت مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت مەنپەئىتىنى پەۋقۇلئاددە زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
دۆلەت كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن ئالدىنقى قىلمىشنى سادىر قىلىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىرىغا ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىك جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە بىرىنچى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىدىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) دۆلەتنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ قويۇشى ياكى ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار؛
3) يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار.