UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش جىنايىتى

قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغان، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئارمىيىنىڭ باراۋەرلىك مۇناسىۋىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولغان، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشى ۋە باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىيلەر بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 443 - ماددا خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، قول ئاستىدىكىلەرنى خورلاش قىلمىشى قەبىھ بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشىنى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت