UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتدۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقان قىلمىشلارغا ئېيتىلىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ بىرلىكى. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاممىنى، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، قۇتراتقان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكتىپ بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 103 - ماددا دۆلەتنى پارچىلاشقا، دۆلەتنڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ باش ئۇنسۇرلارغا ياكى جىنايى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 106 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇشۇ بابنىڭ 103 -، 104 -، 105 - ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە شۇ ماددىلاردىكى بەلگىمىلە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 113 - ماددا مۇشۇ بابتا ئېيتىلغان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى قوشۇمچە بېرىلسە بولىدۇ. 56 - ماددا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ؛ قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئوت قويۇش، پارتلىتىش، زەھەر سېلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئوخشاش قىلمىشلىرى بىلەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغان جىنايەتچىلەر قوشۇمچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلنسا بولىدۇ. سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسىنى ئايرىم بېرىشتە مۇشۇ قانۇننىڭ خاس پرىنسىپىدىكى بەلگىلىمىلەت ئاساس قىلىنىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى (1993 - يىل 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى) 4 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە پۇقرا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا، جەزمەن قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بۇ قانۇندا ئېيتىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر ئېلىپ بارغان ياكى ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى، ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن باشقىلار ئېلىپ بارغان ياكى چېگرا ئىچىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ ئېلىپ بارغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىك ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. (5) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق بولغان باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش. 25 - ماددا چېگرا سىرتىغا تەھدىتكە ئۇچراش ياكى باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن دۈشمەن تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن ئۆز ۋاقتىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن ئېيتقان ياكى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بىۋاستە ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق تەشكىل ئارقىلىق ئۆز ۋاقتىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئەھۋالنى ئەينەن مەلۇم قىلغانلار سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نى يولغا قويۇشنىڭ تەپسىلىي پرىنسىپى (1994 - يىلى 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى گوۋۇيۈەن) 8 - ماددا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى> نىڭ 4 - ماددىسىدا ئېيتىلغان <دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيانلىق بولغان باشقا بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلەر> گە كىرىدۇ. (2) پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىش، پاكىتنى بۇرمىلاش، يازما نەرسە ئېلان قىلىش ياكى گەپ - سۆز تارقىتىش ۋە ياكى ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەش، تارقىتىش ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ (3) دىندىن پايدىلىنىپ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانلار. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنڭ <ئىنتېرنېت تورى بىخەتەرلىكىگە ئائىت قارار> ى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) 2. دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ جىنايەت سادىر قىلغانلار جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ 1( ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ پىتنە - ئىغۋا، تۆھمەت ياكى زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقان ياكى دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا قۇتراتقانلار؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سادىر قىلغان جىنايەت دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا قانۇنلارنى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1999 - يىل 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 300 - ماددىسىدىكى <بىدئەتچى تەشكىلات> دېگەندە، دىن، يەل گۇمپىسى ياكى باشقا ناملار بىلەن قۇرۇلغان كاتتىۋېشى سىرلىقلاشتۇرۇلغان، خۇراپىي سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، تارقىتىشتەك ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرۇپ، ئالداپ، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە ئۇلارنى تىزگىنلەپ جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزگەن قانۇنسىز تەشكىلات كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 7 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇيۇشتۇرغان، پىلانلىغان، ئېلىپ بارغان ۋە قۇتراتقانلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103 -، 105 -، 113 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ. 8 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتى ۋە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۆلەت قانۇنىنىڭ بىر تۇتاش يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەتچىلەرنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق قانۇنسىز ئىگە بولغان پۇل - مېلىنى، جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلەتكەن قورال، تەشۋىقات بۇيۇمى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە تاپشۇرتقۇزۇش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك. 9 - ماددا بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىنى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پىلانلىغان، قوماندانلىقى قىلغانلار ۋە قايتا - قايتا تەربىيە قىلسىمۇ ئۆزگەرمەي، ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە مۇشۇ ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، خىزمەت كۆرسەتكەنلەر قانۇن بويىچە يېنىك، يېنىكلىتىپ جازالىنىدۇ ياكى جىنايى جازدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىغا قايمۇقتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي قاتناشقانلار ھەمدە بىدئەتچىلەر تەشكىلاتىدىن قايتىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا قايتا قاتناشمىغانلارنى جىنايەت ئۆتكۈزدى دەپ بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى) 1 - ماددا نەشر بۇيۇمىد دۆلەتنى پارچىلاش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەزمونى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى نەشر قىلغان، باسقان، كۆپەيتكەن، تارقاتقانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103 - ماددا 2 - تارمىقى ايكى 105 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ياكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki