UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش جىنايىتى

زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئەپيۇن، خروئېن، مورفىن، نەشە، كوكايىننى ھەم گوۋۇيۈەن تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن خۇمار پەيدا قىلىدىغان باشقا ھۇشسىزلاندۇرۇش دورىسى ۋە روھىي كېسەللىك دورىسىنى ئەتكەسچىلىك قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان، ياسىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئېنىق بىلمەي، باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ياكى ئالدىنىپ كېتىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشىنى ئېلىپ بارغان بولسا، بۇ جىنايەت شەكىللەنمەيدۇ. 347 - ماددا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلار، مىقدارىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جىنايى جاۋابكارلىققا ۋە جىنايى جازاغا تارتىلىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ: (1) ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 1000 گرامدىن، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 50 گرامدىن كۆپ بولغانلار ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى كۆپ بولغانلار؛ (2) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛ (3) زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغۇچى، ئېلىپ - ساتقۇچى، توشۇغۇچى ۋە ياسىغۇچىلارنى قوراللىق قوغدىغانلار؛ (4) تەكشۈرۈشكە، توختىتىپ قويۇشقا ۋە قولغا ئېلىشقا زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلار؛ (5) تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارا زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقانلار. ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 200 گرامدىن كۆپ، 0100 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن كۆپ، 50 گرامدىن ئاز بولغان ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ مىقدارى كۆپرەك بولغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ئەپيۇن 200 گرامدىن ئاز، خروئېن ياكى مېتىلامفېتامىن 10 گرامدىن ئاز ياكى باشقا زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئاز بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئورۇنلاردىن 2 -، 3 -، 4 - تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشقا سېلىپ ۋە كۈشكۈرتۈپ، زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغان، ئېلىپ - ساتقان، توشۇغان ۋە ياسىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زەھەرلىك بۇيۇم ساتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش ۋە ياساش قىلمىشلىرىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغانلارنىڭ زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. 356 - ماددا زەھەرلك بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلىش، ئېلىپ - سېتىش، توشۇش، ياساش ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلاردىن مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى يەنە ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. 357 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۇن، خروئېن، مېتىلامفېتامىن، مورفىن، نەشە، كوكايىنلارنى ھەم دۆلەت تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلالايدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي كېسەل دورىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زەھەرلىك بۇيۇم مىقدارى ئەتكەسچىلىك قىلغان، ئېلىپ - سېتىلغان، ياسالغان ۋە ئىلكىدە قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نەق مىقدارى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <>مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش توغرىسىدىكى قارارى< نى ئىجرا قىلىشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات> نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى (1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) س
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت