UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ يالغان پۇل سېتىۋېلىش، يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇش جىنايىتى

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ يالغان پۇل سېتىۋېلىش، يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن يالغان پۇل سېتىۋالغان ياكى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ يالغان پۇل سېتىۋالغان قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، يەنە بىرى، پۇل مۇئامىلە خادىملىرىنىڭ يالغان پۇلنى راست يالغان پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 171 - ماددا 2 - تارماق بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن يالغان پۇل سېتىۋالغان ياكى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. يالغان پۇل ياسىغان ھەمدە ساتقان ياكى توشۇغانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 170 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىك بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) بانكا ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىدىن يالغان پۇل سېتىۋالغان ياكى ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇۋالغان، ئومۇمىي سوممىسى 4000 يۈەندىن ئارتۇق ياكى پۇل مىقدارى 400 ۋاراق (تەڭگە) دىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى خادىملىرىنىڭ يالغان پۇل سېتىۋېلىش، يالغان پۇلنى راست پۇلغا ئالماشتۇرۇش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki