UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى

ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتى ۋە ئۇرۇش قىلىش مەنپەئەتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا يالغان مەلۇمات بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 377 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئۇرۇش مەزگىلىدە دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki