يالغان پۇلنى ئىلكىدە تۇتۇش، ئىشلىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان، ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ پۇل باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە يالغان پۇلنى ئىلكىدە تۇتقان، ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
172 - ماددا يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان ۋە ئىشلەتكەنلەردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان ۋە ئىشلەتكەنلەردىن سوممىسى 4000 يۈەندىن ئارتۇق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.