UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقوش نىكاھلىنىش جىنايىتى

قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جۆرىسى بار تۇرۇقلۇق نىكاھلىق بولغان ياكى بىراۋنىڭ جۆرىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىۋالغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بىر ئەر بىر ئاياللىق بولۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۆرىسى بار تۇرۇقلۇق يەنە باشقىلار بىلەن نىكاھلانغان ياكى بىراۋانىڭ جۆرىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىۋالغان قىلمىش بولىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، تىزىملاپ قوش نىكاھلىنىش، قانۇنىي نىكاھلىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى نىكاھلانغان تەرەپ يەنە ئۈچىنچى بىر تەرەپ بىلەن نىكاھلىنىۋېلىش ياكى نىكاھلانماقچى بولغان تەرەپ بىراۋنىڭ جۆرىسى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن نىكاھلىنىۋالغان بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ئەمەلىي قوش نىكاھ، يەنى نىكاھلانغان تەرەپ يەنە ئۈچىنچى بىرسى بىلەن ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش ياكى قارشى تەرەپنىڭ نىكاھلانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (ئىككى خىل ئادەم بولىدۇ. بىرى، قوش نىكاھلانغۇچىلار، يەنى جۆرىسى بار ھەمدە نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلماي تۇرۇپ يەنە باشقىلار بىلەن نىكاھلىنىۋالغانلار؛ يەنە بىرى، نىكاھلىنىۋالغانلار، يەنى گەرچە جۆرىسى بولمىسىمۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ نىكاھلانغان جۆرىسى بار ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەنلەر بولىدۇ). 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 258 - ماددا جۆرىسى بار تۇرۇپ قوش نىكاھلانغانلارغا ياكى بىراۋنىڭ جۆرىسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى> يولغا قويۇلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەر - خوتۇن نامىدا قانۇنسىز ئۆي تۇتۇۋالغانلارنىڭ قوش نىكاھلىنىش دېلولىرىدا، قوش نىكاھلىنىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىق مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى (1994 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى) س ت
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت