UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى

ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - جەڭگە قاتناشقان ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 433 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىغۋا تارقىتىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 01 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئارمىيىنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت