UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتزور ئۇچۇش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

زور ئۇچۇش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ئاۋىئاتسىيە ترانسپورتىنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە ئاۋىئاتسىيە ترانسىپورتىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولۇپ، ئاۋىئاتسىيە خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيكېتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 131 - ماددا ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىدىن قائىدە - تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىپ زور ئۇچۇش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىپ پاچاقلىنىشى ياكى ئادەم ئۆلۈشنى پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
زور ئۇچۇش ھادىسىسى پەيدا قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki