پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، سودا بانكىسى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە، زاكاز مال، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغان سودا بانكىسى ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
174 - ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) سودا بانكىسى، ئاكسىيە، قەرەللىك مال، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلار؛
2) سودا بانكىسى، ئاكسىيە، قەرەللىك مال، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى، شۇنىڭدەك باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەييارلىق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلار.