UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى

ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تەلەپلىرىنى ياكى باشقىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش ۋەزىپە پائالىيىتى ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پائالىيىتىنىڭ ئىناۋىتى. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش تەلەپلىرىنى ياكى باشقىلارنىڭ پاش قىلىش مەلۇماتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش قىلمىشى بولۇشى لازىم. 3. سۇبيېكتى - ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇمەسئۇلىيىتى بولغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە ئادەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 416 - ماددا 1 - تارماق ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللا ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماي، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلسا، بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش لازىم؛ 1) قۇتقۇزماسلىق تۈپەيلىدىن، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ زەخىملىشى، مېيىپ بولۇشى، ئۆلۈپ كېتىشى، ئېلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 2) قۇتقۇزماسلىق تۈپەيلىدىن، ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنىڭ يۆتكەپ كېتىلىشىگە، يوشۇرۇپ قويۇلۇشىغا، سېتىۋېتىلىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋالمىغان بولسا؛ 3) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قۇتقۇزمىغان ياكى ئۇلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزمىغان بولسا؛ 4) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار، بالىلارنى قۇتقۇزماي، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى بەش قېتىم قۇتقۇزمىغان ياكى ئۇلاردىن بەشتىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزمىغان بولسا؛ (2) ئادەمنى قۇتقۇزماي، ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا؛ 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئايال ۋە بالىنى يەتتە قېتىم قۇتقۇزمىغان ياكى ئۇلاردىن يەتتىدىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزمىغان بولسا؛ (2) ئادەمنى قۇتقۇزماي، ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئالداپ سېتىلغان، تۇتۇپ كېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزماسلىق جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki