ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمىنى سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمە (تەقلىدىي) بۇيۇم ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقان، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاپتورنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھوقۇق - مەنپەئەتى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغان كۆپەيتىلمە بۇيۇمنى ساتقان ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك بولغان ئېغىر قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - شەخسلەر ياكى ئورۇنلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
218 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، مۇشۇ قانۇننىڭ 217 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
217 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى كۆپرەك ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىسى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
220 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 213 - ماددىدىن 219 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافتىك ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى)
4 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 218 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان شەخسلەردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، ئورۇنلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇننىڭ 218 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمىنى سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
5 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى سادىر قىلغان ھەم ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمىنى ساتقانلاردىن قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ سوممىسى ناھايىتى كۆپ بولغانلارغا بىرنەچچە جىنايەت قوشۇپ جازا بېرىلمەستىن، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىلا بېكىتىلىپ جازا بېرىلىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 217 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى سادىر قىلغان ھەمدە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان كۆپەيتىلمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىگە بىرنەچچە جىنايىتىنى قوشۇپ جازا بېرىلىدۇ.
16 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئالدىن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا شۇ نەشرىيات ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، نەشر نومۇرىنى سېتىپ، ئىجارىگە بېرىپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 -، 4 -، 8 -، 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارنى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
17 - ماددا بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <تىجارەت سوممىسى> قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بىلەن قىلمىش سادىر قىلغۇچى تىجارەت قىلغان قانۇنسىز بۇيۇمى تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىزاھاتتا ئېيتىلغان <قانۇنسىز تاپاۋەت سوممىسى> پايدا سوممىسىنى كۆرسىتىدۇ.
قانۇنسىز نەشر بۇيۇمىنىڭ باھاسى بولمىسا ياكى چەت ئەل پۇلى باھاسى بولسا، ئۇنىڭ باھا سوممىسىنى قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئەمەلىي ساتقان باھا بويىچە بېكىتىش كېرەك.