دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىش ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ئارخىپلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئارخىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى سېتىپ بەرگەن ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
329 - ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى تارتىۋالغان ۋە ئوغرىلىغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئارخىپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىلمىشى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا جىنايەتلەرگە توشىدىغانلارغا ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ