شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - جەمئىيەتتە پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلماي، شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبېيكتى - دۆلەتنىڭ شەھۋانىي بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبېيكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئارىيەتكە بېرىش، كۆرگەزمىەە قويۇش، ھەدىيە قىلىش، تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ۋە باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولۇپ، تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
364 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، ئۈن - سىن بۇيۇمى، سۈرەت ياكى باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ فىلىمى قاتارلىق ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ ۋە كۆپەيتىپ، قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئىككىنچى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
18 ياشقا توشمىغانلارغا شەھۋانىي بۇيۇملارنى تارقاتقانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز نەشر بۇيۇمى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىك بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(1998 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
10 - ماددا شەھۋانىي كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت قاتارلىق نەشر بۇيۇمىنى تارقاتقانلارغا 300 - 600 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تارقاتقان ياكى ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلارنى <قىلمىشى ئېغىر> ھېسابلاپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 364 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شەھۋانىي بۇيۇم تارقىتىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
شەھۋانىي كىنو، سىنئالغۇ قاتارلىق ئۈن - سىن ھاسىلاتىنى 15 - 30 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق قويۇشقا ئۇيۇشتۇرغان ياكى ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلارنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 364 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن، شەھۋانىي ئۈن - سىن ھاسىلاتى قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
16 - ماددا نەشرىيات ئورۇنلىرىدىن باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارغا شۇ نەشرىيات ئورنىنىڭ نامى، كىتاب نومۇرى، ژۇرنال نومۇرى، نەشر نومۇرىنى سېتىپ، ئىجارىگە بېرىپ ياكى باشقا شەكىللەر بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باشقىلارنىڭ مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 2 -، 4 -، 8 -، 9 -، 10 -، 11 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرۈشىگە سەۋەبچى بولغانلارنى ئورتاق جىنايەتچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
18 - ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 8 -، 10 -، 12 -، 13 ـ ماددىسىدىكى ئالاقىدار سومما، مىقدار ئۆلچىمىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە، ئۆز جايىنىڭ ئىجرا قىلىدىغان كونكرېت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 28 - كۈنى)
3. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ۋە جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛
(1) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ساختا، ناچار بۇيۇملارنى ساتقانلار ياكى تاۋار مۇلازىمەتنى ساختا تەشۋىق قىلغانلار؛
(2) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ سودا ئىناۋىتى ۋە تاۋار داڭقىغا زىيان يەتكۈزۈگەنلەر؛
(3) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلەر؛
(4) ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا تەسىر يېتىدىغان ياكى پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان باشقا ساختا ئۇچۇرلارنى توقۇپ چىققانلار ياكى تارقاتقانلار؛
(5) ئالاقە تورىدا شەھۋانىي تور پونكىتى، تور بېتى قۇرۇپ شەھۋانىي پونكىت، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلغانلار ياكى شەھۋانىي گېزىت - ژۇرنال، سۈرەت، ئۈن - سىن، سۈرەتلەرنى تارتقانلار.