UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتكومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز ئۈسۈپ كىرىش جىنايىتى

كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز ئۈسۈپ كىرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۈسۈپ كىرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۈسۈپ كىرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 285 - ماددا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا ئۈسۈپ كىرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش توغرىسىدىكى قارارى (2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. ئالاقە تورى خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: (1) دۆلەت ئىشلىرى، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئۆتكۈر پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورىغا ئۈسۈپ كىرگەنلەر.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
كومپيۇتېر ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز ئۈسۈپ كىرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki