پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ پارا بەرگۈچىلەر بىلەن پارا ئالغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇپ، تېپىشتۇرۇپ، پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش پائالىيىتى.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت خادىملىرىغا پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشى بولغان بولۇشى شەرت.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
392 - ماددا دۆلەت خادىملىرىغا پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرغۇچىلار سۈرۈشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇش قىلمىشىنى ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرسا، يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)
(1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى)
پارا بەرگۈچىلەرنى تونۇشتۇرۇش جىنايىتىدە تۆۋەندىك ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛
1) شەخسىينى دۆلەت خادىملىرىغا پارا بېرىشكە تونۇشتۇرغان بولۇپ، پارا سوممىسى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛ ئورۇننى دۆلەت خادىملىرىغا تونۇشتۇرغان بولۇپ، پارا سوممىسى 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا؛
2) تونۇشتۇرغان پارا سوممىسى يۇقىرىقى ئۆلچەمگە يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا؛
(1) پارا بەرگۈچىنى قانۇنسىز پايدىغان ئېرىشتۈرۈش مەقسىتىدە پارا تونۇشتۇرغان بولسا؛
(2) ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ياكى ئۈچتىن ئارتۇق ئادەمگە پارا تونۇشتۇرغان بولسا؛
(3) پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئەدلىيە خادىملىرى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارغا پارا تونۇشتۇرغان بولسا؛
(4) دۆلەتنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.