UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى

ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ئۇرۇش مەزگىلدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ھەربىي قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 381 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئېلىپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي ئېھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki