UyghurWiki›422 جىنايەت›دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش جىنايىتى
دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئورمان قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش قىلمىشىغا قارىتىلغان.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن ھەم ساتقان قىلمىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 344 - ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى قانۇنسىز كەسكەن، ۋەيران قىلغانلار ياكى ئەتىۋارلىق دەل - دەرەخلەرنى ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى ھەمدە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، پىششىقلاپ ئىشلىگەن، ساتقانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ<.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلارد بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورمان بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى)
مۇشۇ كىتابنىڭ 461 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.