UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتيۇمۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

يۇمۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى خادىملاردىن ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئەھۋال ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۆكۈمەت سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خادىملىرى بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 409 - ماددا ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىدىكى ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشىنى پەيدا قىلغان خادىملاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1)A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلغان بولسا؛ 2) B, C تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلغان بولسا؛ 3) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى ياكى مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛ 4) يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ياكى كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن، نورمال ئىشلەپچىقرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىگە ئېغىر تەسىر يەتكەن بولسا؛ 5) قىلمىشى ئېغىر باشقا ئەھۋاللار بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1) B, C تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كېڭىيىشىنى پەيدا قىلغان بولسا؛ (2) ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى (1)A تىپلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى پەيدا قىلغان بولسا؛ (2) بەشتىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ياكى 10 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
يۇمۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki