UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى

ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - دۆلەتنىڭ ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنى قوغداش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنى خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ ھەربىي باشقۇرۇش تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنى خىزمەتنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇپ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 371 - ماددا 2 - تارماق ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، شۇ رايونلارنى ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت