ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي زاكازنى رەت قىلىش، قەستەن كېچىكتۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتىن ئىبارەت ھەربىي زاكاز مەجبۇرىيىتى بولغان ئورۇنلار ھەربىي زاكاز رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي تەمىنلەش تۈزۈمى ۋە ھەربىي قوشۇننىڭ كۈرەش قىلىش كۈچى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ھەربىي زاكازنى رەت قىلغان ياكى ھەربىي زاكازنى قەستەن كېچىكتۈرگەن قىلمىشنى سادىر قىلغان بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سوبيېكت بولىدۇ، يەنى ھەربىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، مال بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
380 - ماددا ئۇرۇش مەزگىلىدە، ھەربىي زاكازنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.