UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى

قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزۇش غەرىزىدە پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۇلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان ئېغىر قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ نورمال پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە پاكىت ئويدۇرۇپ باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزۇش غەرىزىدە، دۆلەت ئورگانلىرى ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يالغاندىن مەلۇم قىلغان ياكى ئېيتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان ھەم باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزۇش مەقسىتى بولغان بولىدۇ. 243 - ماددا باشقىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتقۇزۇش غەرىزىدە پاكىت ئويدۇرۇپ، ئۇلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ. قەستەن قارا چاپلىمىغان، ئەمما خاتا شىكايەت قىلىپ قويغانلارغا ياكى پاش قىلغانلىرى پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەي قالغانلارغا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانمايدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاستە قوبۇل قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغان، جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش دېلولىرىدا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (1989 - يىل 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى) ئۈچىنچى، قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئائىت دېلولار (جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 138 - ماددىسى) قەستەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ باشقىلارغا (جۈملىدىن جىنايەتچىلەرگە) قارا چاپلاپ، دۆلەت ئورگانلىرىغا پاش قىلىپ ياكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، باشقىلارنىڭ جىنايى جازاغا تارتىلىشىنى قەستلىگەن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە دېلو ئېچىش كېرەك: 1. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان جىنايەت پاكىتلىرىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان ھەمدە دۆلەت ئورگانلىرىغا ئۆزى پاش قىلغان ياكى دۆلەت ئورگانلىرىغا پاش قىلىش ھەققىدە باشقىلارغا يول كۆرسەتكەن بولسا؛ 2. باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولىدىغان جىنايەت پاكىتلىرىنى قەستەن ئويدۇرۇپ چىقارغان، دۆلەت ئورگانلىرىغا بىۋاستە ئەرز قىلمىغان بولسىمۇ، قوللانغان ئۇسۇلى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە سەۋبچى بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت