ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاياللار، بالىلارنىڭ كىشىلىك ئىززەت ھوقۇقى ۋە جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ
241 - ماددا ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللارنى سېتىۋېلىپ، زورلۇق ئىشلىتىپ ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 236 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ئەركىنلىكتىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەپ قويغانلار ياكى ئۇلارنى زەخىملەندۈرۈش، ھاقارەتلەش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋالغان ھەمدە 2 -، 3 - تارماقتا بەلگىلەنگەن جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ باشقىلارغا ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 240 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، سېتىۋېلىنغان ئايالنىڭ ئەسلى تۇرۇشلۇق جايىغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىغا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار، سېتىۋېلىنغنا بالىنى خارلىمىغان، قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا توسقۇنلۇق قىلمىغانلار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلمىسا بولىدۇ.