ساختا مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پايچىلارغا ۋە جامائەتچىلىككە ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ، پايچىلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ شىركەت، مالىيە - بۇغالتىرلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىركەت پايچىلارغا ۋە جامائەتچىلىككە ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە - بوغالتىرلىقى مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ، پايچىلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - شىركەت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
161 - ماددا پايچىلارغا ۋە جامائەتچىلىككە ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە بۇغالتىرلىق مەلۇماتىنى كۆرسىتىپ، پايچىلارنىڭ ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان شىركەتلەرنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
پايچىلارغا ياكى جامائەتچىلىككە ساختا ياكى مۇھىم پاكىتلار يوشۇرۇلغان مالىيە - بوغالتىرلىق مەلۇماتىنى كۆرسەتكەنلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) پايچى ياكى باشقىلارنى 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛
2) پاينىڭ بازارغا سېلىنىش لاياقىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى ياكى سودىنىڭ ئامالسىزلىقتىن توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار.