UyghurWiki›422 جىنايەت›ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە سېتىش جىنايىتى
ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلرنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە سېتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ياۋايى ھايۋانلرنى قوغداش قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
341 - ماددا دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەنلەرگە ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان ۋە ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
346 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 338 - ماددىدىن 345 - ماددىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ پاراگرافنىڭ ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى مۇھاپىزەت قىلىش قانۇنى
(1988 - يىل 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى)
35 - ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت ياكى جايلار نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى ياكى ئۇلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ساتقان، سېتىۋالغان، يۆتكىگەن ۋە ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ نەرسە - كېرەكلىرىنى ۋە قانۇنسىز تاپاۋىتىنى سودا سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇمچە جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرسىمۇ بولىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۈنچىلىق قىلىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنى 341 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلار> دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلار نام - ئىسىم خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى، <خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى> نىڭ قوشۇمچە (1)، (2) سىگە كىرگۈزۈلگەن ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە بېقىپ كۆندۈرۈپ كۆپەيتىلگەن يۇقىرىقى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنى 341 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <سېتىۋېلىش> تىجارەت قىلىش، ئۆزى ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلغان سېتىۋېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ <توشۇش> بىللە ئېلىپ مېڭىش، پوچتىغا سېلىش، باشقىلاردىن پايدىلىنىش، قاتناش قورالى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن توشۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ <سېتىش> سېتىش ۋە تىجارەت مەقسىتىدە پىششىقلاپ پايدىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5 - ماددا ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىش ئېغىر> دەپ ھېسابلىنىدۇ:
(1) قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى؛
(2) قانۇنسىز پايدىسى 50 نىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى؛
(3) باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرى.
ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتنى قانۇنسىز سېتىۋالغنا، توشۇغان، ساتقانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> دەپ ھېسابلىنىدۇ:
(1) قىممىتى 200 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى؛
(2) قانۇنسىز پايدىسى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلىرى؛
(3) باشقا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرى.
8 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 341 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى سادىر قىلغان، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپ قىلىشقا قارشى چىقىپ، باشقا جىنايەتلەرنىمۇ شەكىللەندۈرگەنلەرگە بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاشقا ئائىت بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
9 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى، تۇتۇشقا ئالاھىدە رۇخسەت قىلىش كىنىشكىسى، ئوۋچىلىق كىنىشكىسى، بېقىپ كۆندۈرۈپ كۆپەيتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ ۋە ئېلىپ - سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرگە جىنايى ئىشلار قانۇنى 280 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش ۋە ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
يۇقىرىقى قىلمىشنى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىنايى ئىشلار قانۇنى 225 - ماددىسىنىڭ 2 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ئېغىرراق جازا كېلىدىغان بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
10 - ماددا <خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈك تۈرى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى> نىڭ قوشۇمچە (1)، (2) سىدە كۆرسىتىلگەن، ئەسلىي دۆلىتىمىزدىن چىقمايدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز تۇتقان، ئۆلتۈرگەن، سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلاردىن <قىلمىشى ئېغىر>، <قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر> لىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمىدە مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ 3 -، 4 - ماددىسى، شۇنىڭدەك قوشۇمچە جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ؛ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان بولمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلىدىكى دۆلەت 1 -، 2 - دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىلىدۇ.
11 - ماددا ئەتىۋارلىق، خەۋپ ئاستىدا قالغان ياۋايى ھايۋانلاردىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى دۆلەتنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ بېكىتىلگەن قىممەت ئەمەلىي سودا باھاسىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئەمەلىي سودا باھاسى بويىچە بېكىتىلىدۇ.
12 - ماددا ئورۇنلاردىن جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 341 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەش ئۆلچىمى مۇشۇ ئىزاھاتتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.