UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتچېگرا سىرتىدىكىلەرگە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاش بېرىش، سېتىۋېلىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى

چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاش بېرىش، سېتىۋېلىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ھەربىيلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىك ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ، قانۇنسىز بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 431 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت