UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتقىمارۋازلىق جىنايىتى

قىمارۋازلىق جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان ھەمدە پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. 303 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ توزاق قۇرۇپ ئالداپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا قاتناشتۇرۇش، يەنە كېلىپ پۇل - بېساتىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان ئالدانغۇچىلارغا زورلۇق ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىش قىلمىشىغا قانداق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى (1995 - يىل 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى) س ج
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
قىمارۋازلىق جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki