UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتپۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - سودا بانكىسى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنڭ سودا بانكىسى ۋە ئاكسىيە، قەرەللىك مال، سۇغۇرتا ھەم باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چوقۇم سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، قەرەللىك مال سودا ئورنى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال تىجارەت ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتى، تەستىق ھۆججىتىنى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 174 - ماددا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. سودا بانكىسى، ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيە شىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچى شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى ياكى باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ياكى تەستىق ھۆججەتلىرىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋە ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئورۇنلاردىن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى) سودا بانكىسى، ئاكسىيە بازىرى، قەرەللىك مال بازىرى، ئاكسىيە شىركىتى، قەرەللىك مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، سۇغۇرتا شىركىتى، شۇنىڭدەك باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ياكى تەستىق ھۆججىتىنى ياسىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى، تەستىق ھۆججىتى ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئۆتۈنۈپ بېرىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki