UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتتۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - جىنايەتچىلەرنى تۈرمىدىن قېچىشقا توپلىغان، پىلانلىغان ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ نورمال باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باش ئۇنسۇرنىڭ تەشكىللىشى ئارقىسىدا، توپلىشىپ تەشكىللىك، پىلانلىق ئاساستا تۈرمىدىن قېچىش قىلمىشىنى سادىر قىلىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى پەقەت قانۇن بويىچە قامالغان جىنايەتچىلا بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 317 - ماددا 1 - تارماق تۈرمىدىن قېچىشنى ئۇيۇشتۇرغان باش ئۇنسۇرلارغا ۋە ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا قاتناشقۇچىلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت