يىغىلىشقا، نامايىشقا، كۈچ كۆرسىتىشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە كاشىلا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشنىڭ نورمال تەرتىپى ۋە پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە كاشىلا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
298 - ماددا قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىش، نامايىش، كۈچ كۆرسىتىشكە كاشىل قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.