UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتنەپسانىيەتچىلىك قىلىپ باج پۇلىنى ئالماسلىق، ئاز ئېلىش جىنايىتى

نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ باج پۇلىنى ئالماسلىق، ئاز ئېلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باج ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى ئالماي ياكى ئاز ئېلىپ، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - دۆلەت باج ئورگانلىرىنىڭ نورمال باج ئېلىشنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى ئالماي ياكى ئاز ئېلىپ، دۆلەت كىرىمىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى دۆلەتنىڭ باج ئورگىنى خادىملىرى، ئاساسلىقى باج ئورگانلىرىدا باج ئېلىش، يىغىشقا مەسئۇل بولغان خادىملار بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 404 - ماددا باج ئورگىنى خادىملىرىدىن نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى ئالماي ياكى ئاز ئېلىپ، دۆلەتنىڭ باج كىرىمىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە زور زىيان پەيدا قىلغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ دېلو ئېچىپ تەھقىقلەيدىغان دېلولارغا دېلو ئېچىش ئۆلچىمى> توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) (1999 - يىل 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى) تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا دېلو ئېچىش كېرەك؛ 1) يۈز - خاتىرە قىلىپ ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى ئېلىشنى توختىتىش، كەم ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېكىتىپ ۋە ياكى ماتېرىيال توقۇپ چىقىپ، ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئېلىشقا تېگىشلىك باجنى ئالماي ياكى كەم ئېلىپ، دۆلەتنىڭ باق كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛ 2) نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى ئالمىغان، كەم ئالغان باج سوممىسى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسىمۇ، پارا تەلەپ قىلىش، ئېلىش ياكى باشقا قەبىھ قىلمىشى بولسا. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ <خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ تەھقىقلەيدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا دائىر چوڭ، پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلولارنىڭ ئۆلچىمى> (سىناق نۇسخىسى) توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (2001 - يىل 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى) 1. <چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ باق كىرىمىگە سالغان زىيىنىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا. 2. <پەۋقۇلئاددە چوڭ دېلو> تۇرغۇزۇشنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ باج كىرىمىگە سالغان زىيىنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولسا.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ باج پۇلىنى ئالماسلىق، ئاز ئېلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki