UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتجاسۇسلۇق جىنايىتىگە دائىر دەلىل - ئىسپات بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى

جاسۇسلۇق جىنايىتىگە دائىر دەلىل - ئىسپات بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلىغاندا ئەھۋالنى ئېيتمىغان ۋە دەلىل - ئىسپات بەرمىگەن ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبېيكتى - دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ تەھقىقلەش پائالىيىتى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەن، ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلىغاندا ئەھۋالنى ئېيتمىغان، قىلمىشى ئېغىر بولغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 311 - ماددا باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەندە، ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلىغاندا ئەھۋالنى ئېيتمىغان ۋە دەلىل - ئىسپات بەرمىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى 26 - ماددا باشقىلارنىڭ جاسۇسلۇق جىنايى ھەرىكىتىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپاتلارنى ئىگىلىمەكچى بولغاندا تەمىنلەشنى رەت قىلغانلارغا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماقلار مەمۇرىي جازا بېرىدۇ ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 162 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت
جاسۇسلۇق جىنايىتىگە دائىر دەلىل - ئىسپات بېرىشنى رەت قىلىش جىنايىتى | UyghurWiki | UyghurWiki