UyghurWiki
UyghurWiki422 جىنايەتشەھۋانىي ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

شەھۋانىي ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش جىنايىتى

جىنايەت ۋە جازا بۇ - ياش ئاياللار، بالىلارنى جامائەت سورۇنلىرىدا ياكى جامائەت ئالدىدا شەھۋانىي، ئىشقىۋازلىق ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىشكە پىلانلاش، توپلاش، قوماندانلىق قىلىش، كونترول قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. 1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىشنى باشقۇرۇش تەرتىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئامانلىق تەرتىپى بولىدۇ. 2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ شەھۋانىي ئويۇن قويۇشنى تەشكىللەش قىلمىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. 3. سۇبېيكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (تەبىئىي ئادەم ۋە ئورۇنلار) بولىدۇ. 4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ. 365 - ماددا شەھۋانىي ئويۇن قويۇشنى ئۇيۇشتۇرغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ. 366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار 422 جىنايەت