چېگرا ئىچىگە كىرىپ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ئادەملىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىگە كىرىپ تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىگە كىرىپ تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
294 - ماددا 2 - تارماق چېگرا سىرتىدىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتى ئادەملىرىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىگە كىرىپ تەشكىلاتىغا ئەزا قوبۇل قىلغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىغا قاراپ چىقىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشتىكى بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)
2 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن <تەشكىلاتقا ئەزا قوبۇل قىلىش> دېگەندە، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى خادىملارنى شۇ قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىنى ئىچكى قىسىمدا تەڭشەش قاتارلىق قىلمىشلار <تەشكىلاتقا ئەزا قوبۇل قىلىش> دەپ قارالسا بولىدۇ.
شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەندىكى قارا جەمئىيەت تەشكىلاتىدىن ئىچكى جايلاردىن كېلىپ تەشكىلاتقا ئەزا قوبۇل قىلغانلارغا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 294 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىپ جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
3 - ماددا قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان يەنە باشقا جىنايى ھەرىكىتى بولغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 942 - ماددىسىنىڭ 3 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر نەچچە خىل جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغۇچىلارغا ئۇلار ئۇيۇشتۇرغان، رەھبەرلىك قىلغان قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۆتكۈزگەن بارلىق جىنايەت بويىچە جازا بېرىش كېرەك.
قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتناشقۇچىلارغا ئۇ قاتناشقان جىنايەت بويىچە جازا بېرىش كېرەك.
بۇ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتناشقان، باشقا قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتى بولمىغان ياكى ئالدىنىپ، تەھدىتكە ئۇچراپ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتناشقانلاردىن قىلمىشى يېنىكلىرى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ.
7 - ماددا قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ۋە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرغان، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلغان، قاتناشقان، جىنايەتچىلەر توپلىغان پۇل - مال ۋە ئۇلارنىڭ تاپاۋىتى، شۇنىڭدەك جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىلگەن سايمان - جابدۇقلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش، مۇسادىرە قىلىش كېرەك.