يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارىتى قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق يالغاندىن ياسالغان پۇلنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگەن، ئېلىپ چىققان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ تاشقى سودىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە تاموژنىغا ئائىت قانۇن - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆزىنى تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قاچۇرۇپ، توشۇش، ئېلىپ يۈرۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق يالغاندىن ياسالغان پۇلنى چېگرادىن ئېلىپ كىرگن، ئېلىپ چىققان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ (تەبىئىي شەخس ۋە ئورۇنلار بولۇشىمۇ مۇمكىن).
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
151 - ماددا قورال - ياراغ، ئوق - دورا، يادرو ماتېرىيالى ياكى يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى ئۇلارنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
1 -، 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.
ئورۇنلاردىن مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا مۇشۇ ماددىنىڭ تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
155 - ماددا، 156 - ماددا ۋە 157 - ماددا 2 - تارماق قاتارلىق ماددىلرنى مەزكۇر كىتتابنىڭ 78 - بېتىدىن پايدىلىنىڭ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
يالغان پۇل ئەتكەسچىلىكى سوممىسى 2000 يۈەندىن ئارتۇق ياكى مىقدارى 200 ۋاراق (تەڭگە) دىن ئارتۇق بولغانلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.