UyghurWiki›422 جىنايەت›ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - پۇقرالارنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پەقەت ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش شەرتىنى ھازىرلىغان جۇڭگو پۇقرالىرىلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
376 - ماددا 2 - تارماق ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۆزىنى قاچۇرغان پۇقرالاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئىككى يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.