UyghurWiki›422 جىنايەت›توپلىشىپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
توپلىشىپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى، قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - توپلىشىپ ۋوگزال، بېكەت، پرىستان، پۇقرالار ئايرودرومى، سودا سارىيى، باغچا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، كۆرگەزمىخانا، تەنھەرىكەت زالى ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توپلىشىپ قاتناش يولىنى توسۇپ ياكى قاتناش تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئامانلىق باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە ئېغىر ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپى ۋە قاتناش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە توپلىشىپ جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى ياكى قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت (جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان باش ئۇنسۇرلار) بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
291 - ماددا توپلىشىپ ۋوگزال، بېكەت، پرىستان، پۇقرالار ئايرودرومى، سودا سارىيى، باغچا، كىنوخانا، تىياتىرخانا، كۆرگەزمىخانا، تەنھەرىكەت مەيدانى ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، توپلىشىپ قاتناش يولىنى توسۇپ ياكى قاتناش تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئامانلىق باشقۇرغۇچى دۆلەت خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشى ئېغىر بولغانلاردىن باش ئۇنسۇرلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.