قاقتى - سوقتى قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە تەھدىت سېلىش، قىستاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قاقتى - سوقتى قىلغان، مىقدارى كۆپرەك بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ھەم باشقىلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلىرى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى جامائەت ۋە شەخسلەر ئىچىدىكى مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلغۇچى ياكى باشقۇرغۇچىغا تەھدىت سېلىش، قىستاش ئۇسۇللىرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى نەق مەيداندا ياكى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە مىقدارى كۆپرەك بولغان پۇل - مالنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ، يەنى باشقىلارنىڭ پۇل - مېلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
274 - ماددا جامائەتنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قاقتى - سوقتى قىلغانلاردىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاقتى - سوقتى قىلىش جىنايىتى سوممىسىنى بېكىتىش ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى
(2000 - يىل 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 274 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قاقتى - سوقتى قىلىش جىنايىتى سوممىسىنى بېكىتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بەلگىلىمە چىقىرىلدى:
1. جامائەتنىڭ، شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قاقتى - سوقتى قىلىش <سوممىسى كۆپرەك> دېگەندە، بىر مىڭ يۈەندىن ئۈچ مىڭ يۈەنگىچە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ؛
2. جامائەتنىڭ، شەخسلەرنىڭ پۇل - ماللىرىنى قاقتى - سوقتى قىلىش <سوممىسى غايەت كۆپ> دېگەندە، 10 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىدۇ.
ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان سومما دائىرىسى ئىچىدە، ئۆز رايونىنىڭ ئىجرا قىلىدىغان قاقتى - سوقتى قىلىش <سوممىسى كۆپ>، <سوممىسى غايەت كۆپ> نىڭ كونكرېت سومما ئۆلچىمىنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتسە ھەمدە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇپ قويسا بولىدۇ.