كۆز بوياپ، مەبلەغ چىقىرىش، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋېلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلىرىدىن شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە مال، بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغان ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان ۋە ياكى شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ شىركەتلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ پۇل، ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغان ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي، كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان ياكى شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلاردىن مىقدارى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بار بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئالاھىدە سۇبيېكت بولىدۇ، يەنى شىركەتنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، پايچىلىرى بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە پەقەت قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
159 - ماددا شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلىرىدىن شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغان ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان ياكى شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقارغان مەبلىغىنىمۇ ئېلىۋالغانلاردىن مىقدرى ناھايىتى كۆپ، ئاقىۋىتى ئېغىر ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، كۆز بوياپ چىقارغان مەبلەغ سوممىسى ياكى ئېلىۋالغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ % 2 ىدىن يۇقىرى، % 10ىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاستە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاستە جاۋابكارلىرىغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلاردىن شىركەت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرمىغا ياكى مال - مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكىمەي، كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان ياكى شىركەتنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقارغان مەبلىغىنىمۇ ئېلىۋالغانلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈپ ئەيىبلىنىدۇ:
1) كۆز بوياپ مەبلەغ چىقىرىپ، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋېلىپ، شىركەت، پايچى، ھەقدارلارنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100 مىڭ - 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار؛2) يۇقىرىقى سومما مىقدارىغا يەتمىگەن بولسىمۇ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار:
(1) شىركەتنىڭ مەبلىغىنى قەرزگە چىقىش قىلمايدىغان ياكى نورمال تىجارەت ئېلىپ بارالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلار؛
(2) شىركەت تەشەببۇسچىلىرى ۋە پايچىلار بىرلىشىپ كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلار؛
(3) كۆز بوياپ مەبلەغ چىقىرىپ، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋېلىپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان تۇرۇقلۇق، يەنە كۆز بوياپ مەبلەغ چىقارغان، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋالغانلار؛
(4) كۆز بوياپ مەبلەغ چىقىرىپ، چىقارغان مەبلىغىنى ئېلىۋېلىپ ئېرىشكەن پۇلدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار.