ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش قانۇن - بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەت ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ ھەربىي ئىشلار مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملىرى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
431 - ماددا ئوغرىلاش، تىڭ تىڭلاش، سېتىۋېلىش يولى بىلەن ھەربىي مەخپىيەتلىكنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرگەنلەرگە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.