ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىش، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ ھەربىي بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يەتكۈزۈشنى رەت قىلىش ياكى قەستەنلىك بىلەن ھەربىي بۇيرۇق ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ياكى ھەربىي بۇيرۇقنى ئۆزگەرتىپ يەتكۈزۈش، تارقىتىش ئارقىلىق ئۇرۇشقا زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ھەربىي قىسىمنىڭ ئۇرۇش قىلىش مەنپەئىتى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىش، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇرۇشقا زىيانلىق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - پەقەت بۇيرۇقنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ياكى ھەربىي بۇيرۇقنى تارقىتىپ بېرىش ھوقۇقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملارلا بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
422 - ماددا ھەربىي ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇپ، يالغان مەلۇم قىلىپ ياكى ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، يالغان ھەربىي بۇيرۇق يەتكۈزۈپ جەڭگە زىيان كەلتۈرگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جەڭ ۋە ئۇرۇشنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.